『يورۇق ساھىللار』のカバーアート

يورۇق ساھىللار

يورۇق ساھىللار

著者: RFA
無料で聴く

このコンテンツについて

ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار

Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

© Radio Free Asia
社会科学
エピソード
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57): بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە
    2025/03/18
    مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن تارىخ دەرسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ، شۇنداقلا سولچى ۋە كوممۇنىستلارغا مايىل كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخسۇس تەۋسىيەسى بىلەن 1947-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ پايتەختى نەنجىڭگە بېرىپ، «گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن مىللەتچى خىتاينىڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق سىياسىي سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇرھان شەھىدى، 1948-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ، «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، «خىزمەت كۆرسىتىش» ۋە «ساداقەت بىلدۈرۈش» نىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي تارىخ قۇرۇلۇشىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي خوجايىنلىرىنى خوش قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    13 分
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (56): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى ۋەتەنگە قانداق ئېلىپ كىرىلگەن؟
    2025/03/04
    «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئابىدە ئەسەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا، يەنى 1936-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان ئىدى. كىتابنىڭ 800 بەتتىن ئاشىدىغان قوليازمىسى 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن، كەشمىردىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مۇھەممەد قاسىمجان ھاجى (مەتقاسىم ھاجى)غا ئەۋەتىپ بەرگەن.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    12 分
  • مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (55): تەمىرات نازىرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولغان يىللاردا
    2025/02/18
    1946-يىلى 6-ئايدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى ئېلان قىلىنغاندا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ھۆكۈمەت ھەيئىتى، قوشۇمچە تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە قايسى ۋەزىپىگە قويۇلۇش مەسىلىسىدە، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىلى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك تالاش-تارتىش ۋە پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلىدۇ. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ئەسلىمىسىدە، ئەسلىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى، ئەمما ئىلى تەرەپ بۇ ئورۇنغا سەيپىدىن ئەزىزىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇغرانىڭ تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    11 分

يورۇق ساھىللارに寄せられたリスナーの声

カスタマーレビュー:以下のタブを選択することで、他のサイトのレビューをご覧になれます。