エピソード

  • شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2)
    2025/03/13

    ئازتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە باھالىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرىنى مىللىتى ئۆزبېك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا، خەلققە سادىق، دىنى ئىمانى كۈچلۈك ۋە بىلىمى زور ھەم پىداكار، ئەخلاقلىق كىشى ئىدى، ئۇنىڭ تارىخ بىلىمىمۇ يۇقىرى بولۇپ، خەلقنى قوزغاش چاقىرىقى كۈچلۈك بولغان. ئۇ سوۋېتلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ خەلقنى ئاكتىپ قوزغىغان، لېكىن كېيىن سوۋېتلار ۋەدىسىدىن يېنىپ ئۇنى تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارىغان. ھەتتا 1975-يىلى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئەلىخان تۆرە بىلەن تاشكەنتتە كۆرۈشكەندە، ئەلىخان تۆرە يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب بولسا ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن.


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    10 分
  • شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققا(1)
    2025/02/27
    ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەزكۇر ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى قاتارىدىكى بىر شەخس ئىدى. لېكىن، 1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ مىڭلىغان سەپداشلىرىنى مۇشەققەتلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات يوللىرىدا مېڭىشقا ئېلىپ كەلدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 1963-يىلىدىن كېيىنكى 42 يىللىق ھاياتى ئالمۇتا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى ئالمۇتادىكى 78 ياشلىق ئوغلى، جامائەت ئەربابى ئازتېكىن ئىبراھىمى بايان قىلدى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    9 分
  • تارىخ-بۈگۈن | تاغ-كان ئىنژېنېرىنىڭ تۆھپىسى_ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت قامۇسى
    2025/01/30


    ئۆزى تاغ-كان ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىنىڭ يەنە بىر زور قىسمىنى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇماتلارنى توپلاش، رەتلەشكە ئاتىغان ۋە بۇلارنى رۇس تىلىدا نەشر قىلىپ، باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئابدۇللاجان سامساقوف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجاد قىلماقتا. رۇس تىلىدا تارقىتىلغان 620 بەتلىك «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتلار» ئۇنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.


    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    14 分
  • تارىخ-بۈگۈن | «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» دىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرى
    2025/01/16
    يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشر قىلىندى. رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىلاش شەكىلدە تەييارلانغان مەزكۇر قامۇس مەخسۇس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئىلمىي ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    12 分
  • تارىخ-بۈگۈن | 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى_شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
    2024/11/14
    1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نامىنى قانداق بېكىتىش تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغان، بولۇپمۇ غۇلجىدىكى ئاشۇ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان يادرولۇق تەشكىلات «ئازادلىق تەشكىلاتى» 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    13 分
  • تارىخ-بۈگۈن | 1934-يىلى ئەيسا ئەپەندى ھەققىدە كرېملغا يوللانغان مەخپىي مەلۇمات
    2024/09/05
    سوۋېتلارنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى خىتايدىكى سوۋېتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ ستالىنغا مەخسۇس دوكلات شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى مەسئۇد سەبىرى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەيسابەك ياكى ئەيسا يۈسۈپ دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەربابنىڭ 1932-يىلى نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن موسكۋاغا مەخپىي دوكلات قىلىنغان. ئەنە شۇنداق مەخپىي دوكلاتنىڭ بىرى 1934-يىلى 19-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە ۋەكىلى, سوۋېت رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ب. س. ستوميانكوفقا يوللىغان خىتايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدۇر.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    12 分
  • تارىخ-بۈگۈن | نارىمان قۇربانوفتىن مەخمۇت ئۆمەروفقىچە: دۇنيا ئولىمپىك تارىخىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون
    2024/08/15
    نارىمان قۇربانوف بىلەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىغا ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون ئۆز ئىسىملىرىنى يازدى، نارىمان قۇربانوف 1956-يىلىدىن ئېتىبارەن ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن 3-ئۇيغۇر. رۇس تىلىدىكى «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالمۇتادا ياشايدىغان پىروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك تارىخىدا بىرىنچى قېتىم چېمپىيونلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مەخمۇت ئۆمەروفتۇر.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    10 分
  • تارىخ-بۈگۈن | پەرغانە ۋادىسىغا سىڭىپ كەتكەن 300 مىڭ قەشقەرلىق-ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى تەتقىقاتى
    2024/07/11
    «مېنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پائالىيەتلىرىمنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلىشىمغا سەۋەب بولغان دەسلەپكى ئىلھام بۇلىقى مېنىڭ ئەسلى 150 يىللار ئىلگىرىكى قەشقەرلىقلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشۇمدۇر» دەيدۇ ئۆزبېكىستان ۋە خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تارىخشۇناس بەھرامجان قەينەزەروف ئەپەندى.

    Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

    続きを読む 一部表示
    15 分